خىتاينىڭ جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قەشقەر بىلەن بىر قىسىم ئىچكىرى خىتاي شەھەرلىرى ئارىسىدا ھاۋا قاتنىشىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلغان.
خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى نۇقتىلىق ھالدا قەشقەر بازىرىغا بولغان سېلىنمىنى كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچى-قەشقەر ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئاساسىدا يەنە قەشقەردىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان بېرىپ-كېلىش لىنىيەسىنى كۆپەيتىدىكەن. مەسىلەن، 26-مارتتىن باشلاپ، قەشقەر-چېڭدۇ ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئېچىلىپ، نۆۋەتتىكى ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى تېخىمۇ زىچلاشتۇرۇلۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن.
جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يەنە يېڭىدىن قەشقەر-كورلا-شىئەن بېرىپ-كېلىش لىنىيىسى ۋە قەشقەر-ئاقسۇ-جېڭجۇ لىنىيىسى ئېچىشنى قارار قىلغان.
بېلەت باھاسىدىمۇ ئېتىبار بېرىلىش يولغا قويۇلۇپ، قەشقەردىن چېڭدۇغا بارىدىغان بېلەت باھاسى 640 سومدىن باشلىدىنىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 26-مارتتىن ئېتىبارەن جېجياڭنىڭ خاڭجۇ شەھىرى بىلەن ئاقسۇ ئارىسىدىكى ئاقسۇ-ئۈرۈمچى-خاڭجۇ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى قارار قىلغان ئىدى.
ھازىر ئاقسۇ ئاساسلىقى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ياردەم بېرىش نىشانىدا بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى جېجياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ سانىمۇ كۆپلەپ ئاشقان ۋە ئۇلار ۋىلايەت يەككە تىجارەتلىرىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن.
قەشقەر ۋىلايىتى بولسا ئاساسلىقى گۇاڭدوڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ«ياردەم بېرىش نىشانى»دا بولغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، قەشقەر، ئاقسۇ، قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن ئىچكىرى خىتاي شەھەرلىرى ئارىسىدا مۇنداق ئايروپىلان قاتنىشىنى كۆپەيتىش ئەمەلىيەتتە بۇ جايلاردىكى خىتاي كۆچمەن ئاھالىسىنىڭ تېخىمۇ ئېشىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك دائىرىلەرنىڭ قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ياخشىلاش ئارقىلىق قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇر شەھەرلىرى بىلەن ئىچكى خىتاي ئۆلكىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى زىچلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.