قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 144 كەسپىي خىزمەت ئورنىغا بىرمۇ كىشى ئىلتىماس قىلمىغان

قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تور 4 ‏- يانۋار كۈنى ۋىلايەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا 144 كەسپىي خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ھالبۇكى، ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ يۇقىرىقى خىزمەت ئورۇنلىرىغا بىرمۇ كىشى تىزىمغا ئالدۇرمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، توردا ئېلان قىلىنغان 144 كەسپىي خىزمەت ئورۇنلىرى ئىچىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك قانۇنچىلىق جەمئىيىتى، ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپى، ۋىلايەتلىك مالىيە باشقارمىسى، ۋىلايەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى قاتارلىق ئىدارە-جەمئىيەتلەر بار ئىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا يۇقىرىقى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئالدى بىلەن كەسپىي ئىمتىھانغا تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشسىز يۈرگەن ئەھۋالدا قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بىرمۇ كىشىنىڭ ئىلتىماس قىلماسلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر، يۇقىرىقى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايلارنى نىشان قىلغانلىقىنى، خىتاي ئىش ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان ئۇيغۇر ئېلىدا يەرلىشىپ خىزمەت قىلىشتىن قورققان بولۇشىدەك ئېھتىماللىقنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.