قىرغىزىستان خىتاينىڭ قىرغىزلارغا ۋىزا بېرىشنى توختاتقانلىقىغا نوتا بەرگەن، ئەمما خىتاي پىسەنت قىلمىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.09.30

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قىرغىز پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختاتقانلىقىغا 2 قېتىم نوتا تاپشۇرۇپ، ۋىزىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي تەرەپ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نوتىسىغا پىسەنت قىلمىغان. خىتايغا ئىككى قېتىم نوتا تاپشۇرغان.

بۇ يىل 30‏-ئاۋغۇست خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي قىرغىزىستان پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختاتقان ئىدى. قىرغىزىستان ئاخباراتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ۋىزىنى توختىتىشى خىتايدا ئوقۇيدىغان قىرغىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر قىلغان. ھازىر ئوقۇش باشلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما 400 دەك قىرغىز ئوقۇغۇچى ۋىزىسى يوق ئوقۇشقا ئامالسىز قالغان.

قىرغىزىستان ئاخباراتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىلىشىچە، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايغا ئىككى قېتىم نوتا تاپشۇرۇپ، ۋىزا مەسىلىسىنى تېزرەك ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالالمىغان.
خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسى قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نوتىسىغا بەرگەن جاۋابىدا، «بومبا ھۇجۇمى ئەلچىخانا بىناسىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ۋىزا باسىدىغان باسما ماشىنىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ھازىر ئەلچىخانا خىزمىتىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئادەم كۈتۈۋېلىشقا شارائىتىمىز يار بەرمەيدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

بۇ يىل 30‏-ئاۋغۇست خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ھۇجۇمچى ئۆلگەن، ئاز دېگەندە 3 ئادەم يارىلانغان. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ھۇجۇمنى تاجىكىستان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى، ئۇنى سۈرىيەدىكى شەرقى تۈركىستان قوراللىق غازاتچى گۇرۇھلىرىنىڭ پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۆزبېك، قىرغىز، ئۇيغۇر بولۇپ بىر قانچە ئادەم ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.