ئۇيغۇر رايونىدىكى ج خ تارماقلىرى 20 تۈرلۈك «قۇلايلىق تەدبىر» نى ئوتتۇرىغا قويغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-08-04
Share

«تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 4-ئاۋغۇست چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى «مەن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» دېگەن تېمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا ج خ ئورۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال خۇلاسە-ھۆكۈم چىقىرىشلىرى ئاساسىدا «ئاممىغا قۇلايلىق يارىتىپ، كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان» 20 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەدبىرلەر جەمئىيەت ئامانلىقى، قاتناش، چېگرادىن كىرىپ-چىقىش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.

بۇ تەدبىرلەر ئىچىدە، ئىگە-چاقىسى يوق قېرىلارغا ئېتىبار بېرىپ، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ نوپۇس ۋە كىملىك بېجىرىش، ئۇچۇرلىرىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈشكە ياردەم بېرىش، توردا نوپۇس رەسمىيىتى بېجىرىش قاتارلىقلار ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلغان. نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) لەرگە كۆچۈپ كىرگەن نوپۇسلارنىڭ ۋە يۆتكەلگەن نوپۇسلارنىڭ رەسمىيىتىنى توردا بېجىرىش ئومۇملاشقان بولۇپ، 2021-يىلدىن بۇيان 600 مىڭدىن كۆپ نوپۇس توردا بېجىرىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ج خ ئورۇنلىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تۈرلۈك نوپۇس رەسمىيىتىنى بېجىرىش، ئۆلكە ئاتلاپ نوپۇس بېجىرىش، كىملىكى يۈتكەنلەرگە كىملىك تولۇقلاپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى تور ئارقىلىق بېجىرىۋاتقان بولۇپ، جاي ئاتلاپ نوپۇس رەسمىيىتىنى بېجىرگىلى كەلگەنلەر ئۆزىنىڭ ئەسلى ئولتۇرۇشلۇق ماكانىغا قايتىپ رەسمىيەت بېجىرمىسىمۇ بولىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ نوپۇس سىياسىتى ئەزەلدىن چىڭ بولۇپ كەلگەن، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىكى نوپۇس رەسمىيەتلىرىنىڭ بۇنداق ئاسانلاشتۇرۇلۇشى ئىچكىرىدىن كېلىدىغان خىتاي ئاققۇنلىرى ۋە ئىچكىرىدىن ئىش ئىزدەپ كەلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن. خىتاي ج خ ئورۇنلىرىنىڭ «ئاممىغا قۇلايلىق» دەپ يولغا قويغانلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي پۇقرالىرىغا ئاسانلىق يارىتىش، ئۇلارنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ جەلپ قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن تەدبىرلەردۇر. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسا ئۇلارنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش چارىلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. خىتاي ج خ ئورۇنلىرىنىڭ 2014-يىللىرى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېجىرىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئارقىدىن ئۇلارنى يىغىۋېلىپ لاگېرغا قامىغانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. ھازىر بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىپ چەتئەللەرگە چىقىشى، چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇشىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت