خىتاي بىلەن قىرغىزىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە قوشما بايانات ئېلان قىلدى

قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولغان خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ 13-ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سورۇنباي جېنبېكوۋ بىلەن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 13-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق قوشما باياناتتا ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا سىياسىي، سودا، بىخەتەرلىك قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

قوشما باياناتتىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىككى تەرەپ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىخەتەرلىكى قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ بۇ ئامىللارغا زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بارلىق شەكىلدىكى تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە ۋە «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئورتاق تەھدىت ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلگەن. قىرغىزىستان تەرەپ بۇ جەھەتتە ئالاھىدە قىلىپ «بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدا ئەمىنلىك ۋە تەرەققىيات بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىجرا قىلىۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز،» دېگەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە زور تۇتقۇن ھەرىكىتىدە بىر قىسىم قىرغىز زىيالىيلىرىنىڭ ۋە قىرغىز ئاممىسىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا قىرغىزىستاننىڭ بۇ مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئورنىغا خىتاي بىلەن بىرلىكتە بۇ خىلدىكى قوشما باياناتنى ئېلان قىلىشى بىر قىسىم يەرلىك كىشىلەرنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. ئانالىزچىلار بولسا بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «قىرغىزىستاننىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان خۇشامەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. قىرغىزىستاندەك ئاجىز ۋە كىچىك بىر دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن باشقىغا كۈچى يەتمەيدۇ،» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىققا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار كېلىشىملەر 2002-يىلىدىن بۇيان كۆپ قېتىم ئىمزالانغان. بۇ قېتىمقى قوشما باياناتتىن كېيىن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭغا 1-دەرىجىلىك «ماناس ئوردېنى» تەقدىم قىلغان. مەزكۇر ئوردېن بولسا قىرغىزىستاننىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوردىنې بولۇپ، ئادەتتە ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلغان ئىكەن.