بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە خىتاي تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان «قۇللار ئەمگىكى» مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىگە قاراشلىق قابا ناھىيەسىدىكى بىر خىتاي زاۋۇتى يېقىندا پەلەي، قۇلاق ئاسرىغۇچ، تېيىلىش كىيىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2000 يۈرۈش مەھسۇلاتنى خىتاي تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مۇسابىقىدە ئىشلىتىشى ئۈچۈن بېيجىڭغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.
بۇ خەۋەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى غەرب پارلامېنت ئەزالىرى ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئاشكارىلىنىشى دىققەت قوزغىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 12-يانۋار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن ئۆتكەن ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئىمزا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشنى چەكلىگەنىدى. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خىتاي ئەمەلدارى خىتاي تەنھەرىكەتچىلىرىنى شىنجاڭدىن كەلگەن بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەشنىڭ «رايوندىكى خام ماتېرىياللارنىڭ سۈپىتى» نى نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ فورمىلار «شىنجاڭنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قوشقان تۆھپە» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.