30 - ئاپرېل كۈنى خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى قۇش زۇكىمى يۇقۇمدارلىرىنىڭ يېڭى سانىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.04.30

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى 30 - ئاپرېل كۈنى خىتايدا H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ 127 نەپەرگە، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەنلەرنىڭ24 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

نۆۋەتتە خىتايدا بايقالغان H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددى دىققىتىنى قوزغىماقتا. گەرچە ھازىرغىچە بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تەيۋەندە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن بىر كىشىنىڭ بايقالغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا

H7N9 تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى باشقا دۆلەتلەردە بايقالمىغان.

ئەمما دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ خىل كېسەل ۋىرۇسىنىڭ ئادەمدىن - ئادەمگە يۇقۇش نىسبىتىنىڭ ئىلگىرى بايقالغان H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىدىن يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.