ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن سودا ۋەكىلى بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسىگە يۆلىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشقا چاقىردى
2022.07.11
ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئوباما دەۋرىدىكى مۇئاۋىن سودا ۋەكىلى روبېرت ھوللېيمان 9-ئىيۇل «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىغا يۆلىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشقا چاقىرغان. روبېرت ھوللېيماننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائىتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئۇنىڭ زىيانلىق كاربون گازىنى كېمەيتىش پىلانى ئۈچۈن مۇھىم بولسىمۇ، بىراق ھازىر ئۇنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائىتىنىڭ ئىستىقبالى بەك پارلاق ئەمەس ئىكەن، چۈنكى ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ ساھەنى مونوپول قىلىشىغا يول قويماقتىكەن.
روبېرت ھوللېيماننىڭ «ئامېرىكا خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائىتىمىزنى ئېزىۋېتىشىگە يول قويسا بولمايدۇ» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىسى، ئاق ساراينىڭ بۇ يىل 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى بەك قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق توغرىسىدا ھۆكۈمەت ئىچىدىكى بەزى ئەمەلدارلار ۋە سودا مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. روبېرت ھوللېيماننىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائىتىنى بەرپا قىلماسلىقى ئامېرىكانىڭ زىيانلىق كاربون گازنى كونترول قىلىش پىلانىنى خىتايغا تاياندۇرۇپلا قويماي، بەلكى ئۇنى خىتاينىڭ ئالدىدا مۇداپىئەسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن.
روبېرت ھوللېيمان يەنە ئەگەر ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارىيەلىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق قانۇنسىز رەۋىشتە توشۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقمىسا، پرېزىدېنت بايدېننىڭ سودا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە جازا يۈرگۈزۈشتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سودا، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش كۈچەيگەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يول بېرىدىكەن. ھوللېيمان ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر نەرسە ئېنىق: ئاق ساراي ۋە دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكانىڭ خىتاي ئىمپورت مەھسۇلاتىغا تايىنىشىنى ئامېرىكالىقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە يېشىل ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى بەدىلىگە داۋاملاشتۇرالمايدۇ.»