ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى راھىلە داۋۇتنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.09.29

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 29-سېنتەبىر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پروفېسسورى، فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇتنى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پروفېسسور راھىلە داۋۇتنى دەرھال قويۇپ بېرىشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. يېقىندا ئامېرىكادىكى «دىيالوگ فوندى» راھىلە داۋۇتنىڭ ‍ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق، ئۇيغۇر فولكلورى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور راھىلە داۋۇتنى مەخپىي سوتلاش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز. پروفېسسور (راھىلە) داۋۇت ۋە ئىلھام توختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىنى قوغداش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، ناھەق تۈرمىگە تاشلاندى.»

باياناتتا تەكىتلىشىچە، پروفېسسور (راھىلە) داۋۇتنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە غايىب قىلىۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك چوڭ كۆلەملىك ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەم دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئەزالىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ‍ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە دەرھال خاتىمە بېرىشكە ۋە ئۇنلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەم نېگىزلىك ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىش ھەققىدىكى خەلقئارا ئەھدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز. بىز يەنە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى پروفېسسور (راھىلە) داۋۇت ۋە ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە داۋاملىق چاقىرىمىز.»

بۇ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ دېلوسىغا رەسمىي ئىنكاس قايتۇرۇشىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.