رامزان كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رامزان مەزگىلىدىكى ئاممىۋى پائالىيەتلىرىگە قاراتقان چەكلىمە ۋە ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
يېقىندا تور بېكەتلىرىدە قىزىل كۆۋرۈك ئىجتىمائىي رايون ئاھالىلەر كومىتېتى نامىدىن تارقىتىلغان بىر ئۇقتۇرۇشنىڭ فوتو رەسىمى يوللانغاندى. 11-ئىيۇل تارقىتىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا شۇ ئاھالىلەر رايونىدىكى پۇقرالاردىن رامزان مەزگىلىدىكى ئىپتار چاي، مېيىت نامىزى، نەزىر قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن ئاھالىلەر رايونىغا كېلىپ تىزىملىتىش، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىنلا ئاندىن قانۇن يول قويغان دائىرىدە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق جايلارنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
بۇ ئۇقتۇرۇش تور بېكەتلىرىدە كۆچۈرۈپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۆپەيدى. ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 22-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوتسېنتى ئابدۇرىشىت قارلۇقنىڭ «بۇ قاراشلار كومپارتىيىنىڭ ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلامدۇ؟ گېتلېرمۇ يەھۇدىلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلمىغان ئىدى.» دېگەن سۆزى ۋە ئۈرۈمچى ئۆزتۈرك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى تاھىر ئىمىننىڭ «كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە چەكلىمە قويۇلۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بۇندىن كېيىن ھاجەتخانىغا بارساقمۇ روخىسەت ئېلىشىمىز كېرەككەن. بولمىسا قانۇنسىز يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۈڭلار دەپ جازالىنىشىمىز مۇمكىن» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىندى.