ئامېرىكىلىق رەسسام ئۇيغۇرلار تەسۋىرلەنگە ئەسەرلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن


ئامېرىكىلىق رەسسام جوي بوستۋىك ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ يەرلەشكەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى - پائالىيىتى تەسۋىرلەنگەن رەسىملىرى ئارقىلىق رايون مىقياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن رەسساملارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

«خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 1 - يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جوي خانىم ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شتاتىدىن بولۇپ، 2011 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە ئائىلىسى بىلەن كېلىپ يەرلەشكەن.

- 2014يىلى 5 - دېكابىر بېيجىڭدا ئۇنىڭ «شىنجاڭ پورتى» ناملىق شەخسىي كۆرگەزمىسى ئېچىلغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن ئائىلەم بىللە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بىر مەھەللىدە ياشايمىز. ئۇ، نۇرغۇن ئادەملەر «ئۇ يەرگە بارماڭلار، ئۇ يەر بەك خەتەرلىك» دەيدىغان مەھەللە ئىدى. ئەمما ئۇ يەردە بىزنىڭ ھاياتىمىز بەك راھەت ئىچىدە ئۆتمەكتە. قوشنىلىرىمىز بىزگە بەكمۇ دوستانە مۇئامىلە قىلىدۇ.

ئۇنىڭ كۆرگەزمىسى بېيجىڭدىكى «بېيجىڭ ئامېرىكا مەركىزى» دە ئېچىلغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىغا 20 گە يېقىن ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، 100 دەك ئادەم قاتناشقان.

جوي خانىم شىمالىي ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ۋە ئىسپان تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ۋە 2009 - يىلى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە بارغاندىن كېيىن ئۇ يەرنى ياخشى ئورۇپ قالغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن: مەن ھازىرغا كەلگۈچە ئۇ يەردە ھېچقانداق خەتەرلىك ھادىسىگە يولۇقۇپ باقمىدىم. مەن ئۇ جاينى بەك ياخشى كۆرىمەن. كەلگۈسىدە شىمالىي شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن دېگەن.

جوي خانىم مەخسۇس ئۇيغۇرلار تېما قىلىنغان رەسىملىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن تۇنجى ئامېرىكىلىق رەسسام بولسا كېرەك.

ئۇنىڭ رەسىملىرى ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل كۆرگەزمىلەرگىمۇ تاللانغان.