ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز ۋە شەھرىزاد تەييارلىدى
2023.09.21
Rfa-yighin-03 ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى» دا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ساھىبخانىلىقىدا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى، 2023-يىلى 21-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون
RFA/Shehrizad

21-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى» دا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ساھىبخانىلىقىدا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىققا قارشىلىق كۆرسىتىش تىرىشچانلىقى ھەمدە مۇھاجىرەت مۇھىتىدا ئۇيغۇر جامائەت توپىنى قۇرۇپ چىقىش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى. شۇنىڭدەك مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى» دا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلغان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ پىرېزىدېنتى بەي فاڭ خانىم سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 21-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى» دا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلغان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ پىرېزىدېنتى بەي فاڭ خانىم سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 21-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون
RFA/Shehrizad

«كەچمىشلەرنى سۆزلەشنىڭ قۇدرىتى: ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ھېكايىسى» تېمىسىدىكى يىغىندا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى شان روبېرتس (Dr. Sean R. Roberts)،  ئاق ساراي قارمىقىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى خىتاي بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى ئەلنىگار ئىلتەبەر، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس ئەلىس ئاندېرسون (Dr. Elise Anderson)، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئالىم سېيتوف قاتارلىقلار ئەزىز مېھمان قاتارىدا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك قاباھەتلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق شەكىللەر ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ پىرېزىدېنتى باي فاڭ خانىم سۆز قىلىپ «رادىيومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى دۇنياغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلغان يېگانە ۋە مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنىدۇر» دېدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئەۋەتكەن ۋىدىيولۇق سۆزىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۆتكەن 28 يىللىق مۇساپىسىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ سۆزىدە « خىتاينىڭ بۇ تۆمۈر پەردىسى ھامان بىر كۈنى غۇلاپ چۈشىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى» دا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلغان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ شەرقىي ئاسىيا بۆلۈملىرى دىرېكتورى نادىيە خانىم سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 21-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى» دا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلغان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ شەرقىي ئاسىيا بۆلۈملىرى دىرېكتورى نادىيە خانىم سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 21-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون
RFA/Shehrizad

يىغىندا يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئىشلىگەن بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمى يىغىن ئەھلىگە قويۇپ بېرىلدى. بۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن جۇدا بولغان ھەمدە تۈرلۈك روھىي ئاسارەتكە گىرىپتار بولغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ بۇ خىل بېسىملارغا قارشى تۈرلۈك ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىش تىرىشچانلىقى تەسۋىرلەنگەن. پىروفېسسور شان روبېرتىس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر ساياھەتچىلىك تەشۋىقاتىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ.  شۇنداقلا ساياھەتچىلىكنىڭ شولىسى ئارقىلىق بۇ رايوندا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇلدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. راستىنى دېسەم ھازىر ھېچقانداق سۆز قىلىش ئەركىنلىكى قالمىغان بۇ ماكاندا بىر ئۇيغۇر بولۇشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.