گۈەنتانامودىن ئازاد قىلىنغان ئۇيغۇرلار بېرمۇدادا پاسپورت قىيىنچىلىقىغا يولۇقتى
2017.02.28
ئەنگلىيە ھامىيلىقىدىكى ئارال دۆلىتى بېرمۇدادا چىقىدىغان بېرمۇدا خەۋەرلىرى گېزىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلى ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنىپ، بېرمۇداغا يەرلەشتۈرۈلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەنگلىيە پاسپورتى ئىلتىماسى تەستىقلانمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىش، داۋالىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان.
خەۋەردە، بېرمۇداغا يەرلەشكەن 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى ئابدۇللاھ ئابدۇقادىرنىڭ ئادۋوكاتى رىچارد ھورسمەننىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ: «ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى ئېغىر كېسەل بولغاچقا، بېرمۇدادىكى دوختۇرلار ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ داۋالىنىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ئەمما 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنغان جىددىي پاسپورت ئىلتىماسىغا جاۋاب قايتۇرۇلمىغىنى ئۈچۈن بالىنى داۋالاش ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېرمۇداغا يەرلەشتۈرۈلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى پۇقرالىققا ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 2013-يىلىلا توشقان بولسىمۇ، ئەمما ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى قەرەلسىز كەينىگە سۈرۈشى، بېرمۇدادىكى تۆت نەپەر ئۇيغۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ چەتئەللەرگە بېرىشىغا ئېغىر توسالغۇ بولغان.