ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئېلىدە رۇسىيە ئارمىيەسى ئۈچۈن ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقارغانلىقىغا ئائىت «ئېنىق» دەلىللەرگە ئېرىشكەن. خەۋەرلەردە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېرىشكەن بۇ ھەقتىكى دەلىللەرنىڭ «قايىل قىلارلىق» ھەم «ئىشەنچلىك» ئىكەنلىكى، ئەمما بۇ ئادەمسىز ئۇچقۇلارنىڭ بېيجىڭنىڭ تەستىقى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان-ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەسلىكى قەيت قىلىنماقتا.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قانچە دىپلوماتىك مەنبەلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدىن بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان. بۈگۈنكى خەۋەرلەردە، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قوللانغان ئۇزۇن مۇساپىلىك ئادەمسىز ئۇچقۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قايسى جايدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ يىل 9-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قورال-ياراق شىركىتى - ئالماز ئانتېي (Almaz Antey)، كۇپول IEMZ ۋە TSK ۋېكتور ناملىق مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىنىڭ شېنجېننى بازا قىلغان رېدلېپۇس (Redlepus) ناملىق خىتاي شىركىتى بىلەن «قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادى رايونى» دا بىرلەشمە تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى قۇرغانلىقىنى ئاشكارلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئېرىشكەن ھۆججەتلەر قەشقەردىكى كۆلىمى 80 گېكتارلىق «ئىلغار ئادەمسىز ئۇچقۇ تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى»، يىلىغا 800 دانە ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقى، رۇسىيەنىڭ كۇپول IEMZ شىركىتىنىڭ خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، گارپىيە-3 ناملىق ئۇزۇن مۇساپىلىك يېڭى ئادەمسىز ئۇچقۇنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ۋە سىناق قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى كېلەر دۈشەنبە كۈنى بېريۇسسېلدا توپلانغاندا بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
خەۋەرلەردە، 27 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم بېرىشى زور دەرىجىدە ئارتىشىغا قارىتا جىددىي خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خىتاي، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا بىتەرەپ پوزىتسىيە تۇتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇ رۇسىيەگە قاراتقان ئېكسپورتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى ئىزچىل كۈچەيتىپ كەلگەن ئىدى.
