خىتاي ۋە رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

خىتاي ۋە رۇسىيە بۇ يىل 5-ئايدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن بېرىلگەن باياناتقا قارىغاندا، ھەربىي مانېۋىر ئوتتۇرا دېڭىزدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەر ئىككى دۆلەتتىن جەمئىي 9 ھەربىي پاراخوت قاتنىشىدىكەن.

مەزكۇر ھەربىي مانېۋىرنىڭ، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتقان ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى تېخى يېڭى ئاياغلاشقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى. بىراق خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتنى نىشان قىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەت بىلەنمۇ ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە سېنكاكۇ ئاراللىرى مەسىلىسىدىكى ئىغۋاگەر پوزىتسىيىسى باشقا قوشنا دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سەيشەنبە كۈنى ياپون ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە قىلغان سۆزىدە، خىتاينى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.