رۇسىيەنىڭ كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئورگانلىرى سانكىتپېتېربۇرگدىكى دېڭىز پورتىدا خىتايدىن توشۇپ كېلىنگەن 80 توننا بېلىقنىڭ رۇسىيە بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن.
رادىئومىز خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ رۇسىيە ئۇچۇر مەنبەلىرى ئاساسىدا خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھايۋاناتلار كېسەللىكلىرى ۋە ئۆسۈملۈكلەر تازىلىقىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى «ئىسپانىيە مەھسۇلاتى» دېگەن خەتلەر بېسىلغان مەخسۇس يەشىكلەرگە قاچىلانغان بېلىقلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، نەتىجىدە، بۇ بېلىقلارنىڭ ئىسپانىيەنىڭ ئەمەس، بەلكى خىتاي مەھسۇلاتى ئىكەنلىكى ۋە بۇلارنىڭ خىتايدىن يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.。
رۇسىيە فېدېراتسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقى مەزكۇر 80 توننا بېلىقنى «ساقتا ھۆججەتلىرى» كۆرسىتىلگەن ۋە «خىتايدىن توشۇلغان خەتەرلىك بېلىق» دەپ ئاتىغان ھەم بۇ ساقتا مەھسۇلاتنىڭ تەن ساغلاملىققا زىيان سېلىش ئەندىشىسى بىلەن خىتايغا قايتۇرىۋېتىلگەنلىكىنى يازغان.
بۇ ۋەقە ھەر قايسى رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېلىق قاچىلانغان قەغەز يەشىكلەرنىڭمۇ ئۆلچەمگە لايىق ئەمەسلىكى ۋە كۆپلىگەن يەشىكلەردە تۆشۈك بارلىقى، بۇلاردىن كىرگەن زەھەرلىك ماددىلار نەتىجىسىدە يەشىكتىكى بېلىقلاردا بۇلغىنىش پەيدا بولۇپ، ئىستىمالچىلارغا زىيان سېلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن،
رۇسىيە دائىرلىرى ئاخىرى مەزكۇر 80 توننا ساقتا مال ھېسابلانغان خىتاي بېلىق مەھسۇلاتىنى چېگرىدىن كىرىگۈزۈشنى چەكلەپ، بۇلارنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرىۋەتكەن.