خىتاي دائىرىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى مەمەت ئابدۇللانىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن جازالانغانلىقىنى ئىنكار قىلدى ۋە ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىنى «توقۇلما» دەپ تەنقىد قىلدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى مەمەت ئابدۇللا 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى چوڭ تۇتقۇنى باشلانغان، نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلار «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
بۇ تۇتقۇندا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامىلىپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر كادىرلار قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللانىڭ ئامېرىكادىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا 2019-يىلى سېنتەبىردە سوت ئېچىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان شۇنداقلا ئۇنىڭ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قىلغان ئەرزىنىمۇ رەت قىلغان. رادىيومىز ئىلگىرى ئۇنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.
لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۆتكەن 1-ئىيۇن كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مەمەت ئابدۇللانىڭ ئامېرىكادىكى قىزى سۈبھى مەمەتكە ھۇجۇم قىلغان. سۈبھى مەمەت يېقىندا «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناچىسى ئېلىجان ئىنايەت سۈبھى مەمەتنىڭ سۆزلىرىنى «پۈتۈنلەي توقۇلما، خەلقئارا جامائەت پىكرىنى قايمۇقتۇرغانلىق، دادىسىنى قوللىغانلىق، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىق،» دەپ ئەيىبلىگەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەمەت ئابدۇللا «پارىخورلۇق ۋە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىش» بىلەن جازالانغان ئىكەن. لېكىن مەمەت ئابدۇللا بۇنىڭدىن 12 يىل بۇرۇن پېنسىيىگە چىققان بولۇپ، ئېلىجان ئىنايەت پېنسىيىگە چىقاان بۇ كىشىنىڭ قايسى ھوقۇقىدىن پايدىلانغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كادىرلىرىنى تازىلاشتا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «پارىخورلۇق»، «ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش» دېگەندەك ناملاردىن پايدىلانماقتا ئىكەن.