سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن
2024.11.27
سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 26-نويابىر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، يەر شارى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە يادرو قوراللار تەھدىتى، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم بېرىشى قاتارلىق زور خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى مەيدانى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر بايانات ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار بىخەتەرلىك ئالىي كومىسسارىنىڭ 25-ۋە 26-نويابىر كۈنلىرى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلان قىلىنغان. سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي كومىسسارىنىڭ زور خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى ئورتاق مەيدانى شەرھلەنگەن ئۇزۇن ھەجىملىك مەزكۇر باياناتتا، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن، جۈملىدىن شىنجاڭ ۋە تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلماقتىمىز. بىز يەنە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ، خوڭكوڭدا نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ يوقىتىشقا ئۇچرىشىدىنمۇ داۋاملىق ئەندىشە قىلماقتىمىز.»
باياناتتا تەكىتلىشىچە، يېقىندا 45 نەپەر دېموكراتپەرۋەر سىياسىيون ۋە پائالىيەتچىگە قاماق جازاسى بېرىلىشى، خوڭكوڭدا دېموكراتىك ھاۋا ۋە كۆپ خىللىقنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، خوڭكوڭ قانۇنىدىكى پىرىنسىپلارغا بولغان ئىشەنچىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. باياناتتا يەنە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوللاش مەيدانى قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا يادرو قورالى ئىشلىتىش تەھدىتىگە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ يادرو قورالى ئىشلىتىشىگە ھەرگىز قاراپ تۇرمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
باياناتتا، سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت خىتاينى يەر شارى سودىسىدا مۇھىم دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلسىمۇ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن ئىجابىي ھەم مۇقىم مۇناسىۋەت قۇرۇشنى خالىسىمۇ، ئەمما «خىتاي ۋە ئۇنىڭ شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىشى، بولۇپمۇ ئادەمسىز ئۇچقۇ بىلەن تەمىنلىشىنىڭ چوقۇم ئالدى ئېلىنىشى كېرەك» دېيىلگەن. يېقىندا بىر خىتاي شىركىتىنىڭ بىر رۇسىيە شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، «قەشقەر ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونى» دا قوراللىق ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.