سۈرگۈندىكى بىر خىتاي ساقچىسى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقلارنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.10.05

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىپە ئ‍ۆتەپ ھازىر ياۋروپادا پاناھلىق تىلىگەن بىر خىتاي ساقچىسى ئامېرىكانىڭ س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقلارنى ئاشكارىلىغان. بىخەتەرلىك تۈپەيلى تولۇق ئىسمى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلانمىغان جياڭ فامىلىلىك بۇ خىتاي ساقچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2015-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ «شىنجاڭدىكى ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىش»، دۆلەتنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە قاتنىشىش» چاقىرىقىغا ئ‍اۋاز قوشۇپ، يۇقىرى مائاش ۋە پاراۋانلىق كاپالىتى بىلەن ئ‍ۇيغۇر ئېلىغا كەلگەنىكەن.

س ن ن نىڭ ياۋروپادا ئۆتكۈزگەن 3 سائەتلىك زىيارىتىدە جياڭ، ئ‍ۆزى قاتناشقان ۋە شاھىت بولغان بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش، تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق، باسقۇنچىلىق، كەمسىتىش ۋە خورلاش قىلمىشلىرىغا دائىر ئاز ئۇچرايدىغان ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغان.

جىياڭ ئاشكارىلىغان تەپسىلاتلار ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئەينەن بولۇپ، ئۇ قىيناش تۈرلىرىنىڭ كىشىلەرنى مېتال ياكى ياغاچ «يولۋاس ئورۇندۇقى» غا كىشەنلەش، تورۇسقا ئېسىش، جىنسىي زوراۋانلىق، توك سوقۇش، سۇدا بوغۇش قاتارلىق ئ‍ۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، تۇتقۇنلارنى دائىم نەچچە كۈنلەپ ئۇخلاتمايدىغانلىقى، يېمەك ۋە سۇ بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

جىياڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزى «تېررورلۇققا چېتىشلىق» دەپ تۇتقۇن قىلىشقا قاتناشقان يۈزلىگەن مەھبۇسنىڭ ھېچ بىرى ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغان «ئادەتتىكى ئاۋام خەلق» بولۇپ، ساقچىلار ئۇلارنى تېزلىنىپ ئاتالمىش «جىنايىتى» نى ئ‍ىقرار قىلغىچە قىيىن قىستاققا ئالىدىكەن. ئۇ ھەر بىر ساقچىنىڭ ئ‍وخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىدىغانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تۆمۈر كالتەك ياكى قۇلۇپلۇق تۆمۈر زەنجىر ئىشلىتىدىغانلىقى، ساقچىلارنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ يۈزىگە دەسسەپ تۇرۇپ، «ئىقرار قىلىشى» نى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جىياڭ ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان تۇنجى خىتاي ساقچىسىدۇر.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بىر يىل ئىچىدە 900 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ھەممە ساقچى بىلىدىغان ئورتاق ئۇچۇر ئىكەن. ئۇ، كېچىلىك ھەرىكەتتە تۇتقۇن قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكى بېرىلىدىغانلىقى، بۇ نورمىنى ئورۇنداش بۇيرۇقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پىلانلانغان ۋە سىستېمىلاشتۇرۇپ بولۇنغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ مىدىرلىغانلارنى ئېتىۋېتىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

جىياڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىشلار ئۇنىڭدا ۋىجدان ئازابى پەيدا قىلغان. ئۇ ھازىر ئۆزىنى گۇناھكار ھېسابلايدىغانلىقى، بۇنداق ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ قىيىن بولسىمۇ، ئ‍ۆزىنى كەچۈرۈشىنى ئ‍ۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «سىز پەقەت ئەسكەر بولسىڭىزمۇ، يۈز بەرگەن ئىشلارغا يەنىلا مەسئۇل بولىسىز. سىز بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشىڭىز كېرەك، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشنى بىرلىكتە قىلدى، بىز بۇنىڭغا مەسئۇل» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.