خىتايدىكى ساختا ۋاكسىنا ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلار 27 گە يەتتى، تەكشۈرۈلگەنلەر 300 دىن ئاشتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-04-14
Share

خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى 14-ئاپرېل بايانات بېرىپ، 3-ئايدا يۈز بەرگەن ساختا ۋاكسىنا ۋەقەسىدە جىنايى جاۋابكارلىقى ئېغىر بولغانلاردىن 27 كىشىنىڭ رەسمىي قولغا ئېلىنىپ، قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەيشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بىر ئاي ئىچىدە ساختا ۋاكسىنا ۋەقەسىگە چېتىلىپ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، سەھىيە خادىملىرى ۋە دورا شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ سانى 357 گە يەتكەنلىكىنى، ساختا ۋاكسىنا ۋەقەسىگە چېتىشلىق دېلولارنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 3-ئاينىڭ باشلىرى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەسلى بالىسىنىڭ ساختا ۋاكسىنىدىن ئۆلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، شەندۇڭدا ئىشلەنگەن ساختا ۋاكسىنىلارنىڭ خىتاينىڭ 20 دىن ئارتۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا تارقالغانلىقى ئاشكارىلانغان. مەزكرۇ ۋەقە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان، خىتاي بولسا خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى 22-مارت كۈنى جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرىغا «ساختا ۋاكسىنا ۋەقەلىرى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇپ بىر تەرەپ قىلىش» ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت