سېرىكجان بىلاشنىڭ قولغا ئېلىنىشى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر قىسىم قازاقلارنىڭمۇ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم.

قازاقىستاندىكى «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» ناملىق تەشكىلات يېقىنقى مەزگىللەردە دەل ئاشۇ قازاق تۇتقۇنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. قازاقىستان ساقچىلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېتەكچىسى، قازاقىستان پۇقراسى سېرىكجان بىلاشنى 10-مارت كۈنى ئالمۇتادا قولغا ئېلىپ ئاستاناغا ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. خەلقئارادىكى ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەس-بەستە بۇ توغرىلىق خەۋەر بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى رولى توغرىسىدا ھەر خىل تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 11-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سېرىكجان بىلاش ئالمۇتادا «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتى ئارقىلىق لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۇغقانلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك شاھىتلارنى سۆزلەتكەن ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى يوقىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان قازاقلارنىڭ بىرنەچچە قېتىملىق پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلاتقان.

خەۋەردە خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋىتى، قازاقىستاننىڭ خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ياۋروپاغا توشۇلىدىغان ماللىرىنىڭ 60 پىرسەنتى قازاقىستاندىن ئۆتىدىغانلىقى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنىش ئارقىلىق «مۇشۇ خىل كۆپ قىرلىق مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى تۈپەيلىدىن قازاقىستان دائىرىلىرى خىتاي تەرەپنىڭ يوليورۇقىنى ئىجرا قىلغان بولسا بۇنىڭ ھېچقانداق ھەيران قالغۇچىلىكى يوق» دېيىلىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سېرىكجاننىڭ پائالىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بەكمۇ بىئارام قىلغان. چۈنكى ئۇ كۆپ قېتىم لاگېر شاھىتلىرىنى تېپىپ كېلىپ گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ لاگېرلار ئارقىلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قىلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى پاش قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، سېرىكجان ئەسلىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدا تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىنچە قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان ۋە قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالغان ئىكەن. ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن «سېرىكجاننى خىتاي ساقچىلىرى تۇتۇپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر كۆپلەپ تارقالغان. قازاقىستان ساقچىلىرى بۇنىڭ ئىغۋا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سېرىكجاننى سۆزلىتىپ قىسقا ۋىديو ئىشلىگەن ۋە تورلاردا تارقاتقان. مەلۇم بولۇشىچە سېرىكجان بلاش ھازىر قويۇش بېرىلىپ ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغانكەن.