قازاقىستاندا «ئاتا يۇرت» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قۇرۇپ، لاگېردىكى قازاق تۇتقۇنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان قازاق پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلى 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىڭ خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
بىلاشئوغلىنىڭ ئادۋوكاتى ئايمان ئۆمەروۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە سېرىكجان بىلاشئوغلى قازاقىستان تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن باشقىلارنى «جىھاد» قا ۋە «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن رەسمىي ئەيىبلەنگەن. بىلاشئوغلى يېقىنقى 5 ئايدىن بۇيان نۇرسۇلتان (ئاستانا) دا ئىزچىل نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ كېلىنىۋاتقان ئىدى.
ئايمان ئۆمەروۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت مەھكىمىسى بۇ ھەپتە ئۇنىڭغا بىلاشئوغلىنىڭ 29-ئىيۇل كۈنى سوتلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان شۇنداقلا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ تەييارلىغان ئەيىبنامىسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن. ئەيىبنامىدە بىلاشئوغلى ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىندا باشقىلارنى «جىھاد» قا چاقىرىش، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئايمان ئۆمەروۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر سوت ئۇنىڭغا جىنايەت بېكىتسە، ئۇ 2 يىلدىن 7 يىلىغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئايمان ئۆمەروۋا 24-ئىيۇل ئالمۇتادا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا بىلاشئوغلىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، «ئۇ پەقەت خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرىشىغا قارشى ئاخبارات جىھادى ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قازاقىستان ئامانلىق دائىرىلىرى ئۇنىڭ «جىھاد» دېگەن سۆزىنى كېسىپ ئېلىپ، بىلاشئوغلىنى ئەيىبلەشنىڭ دەلىلى ئورنىدا ئىشلەتكەن. سېرىكجاننىڭ ئىنىسى ئامان بىلاشئوغلى 26-ئىيۇل رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ سېرىكجان بىلاشئوغلىنى ئەيىبلەشتە قازاق شائىرى مۇختەر شاخانوف ۋە ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىپ قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بېيجىڭپەرەس بىرقانچە قازاقنى گۇۋاھچى قىلىپ قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. قازاقىستان دائىرىلىرى بىلاشئوغلىنى بۇ يىل 3-ئايدا ئالمۇتادىكى بىر مېھمانخانىدا تۇتقۇن قىلىپ، پايتەخت نۇرسۇلتانغا ئېلىپ كەتكەن ۋە نۇرسۇلتاندا مىرزاقاماقتا تۇتۇپ تۇرماقتا ئىدى.