16-نويابىر سېرىقبۇيىدا ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمچىلاردىن 5 كىشىنىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.11.18

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، د ئۇ ق 16-نويابىر سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۈچ كىشىنىڭ مارالبېشىلىق ئىكەنلىكىنى، ئىككىسىنىڭ ئاقسۇلۇق ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

باياناتچى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن 9 نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ جەسىتىنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن مارالبېشى ناھىيىسىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىپ، 16-نويابىر كېچىدە ساقچىلار مارالبېشى ناھىيىسىدىكى بارلىق مېھمانخانىلاردا كىملىك تەكشۈرگەن. نۆۋەتتە قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە 1-دەرىجىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرى ئېلىنغان بولۇپ، ساقچىلار كوچا-كوچىلارغا توسۇق قۇرۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن.

16-نويابىر كۈنى كېچىدە مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا خىتاي ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 3 نەپەر ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئىككى نەپەر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى، شۇنىڭدەك 9 نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.