شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا تېررورلۇققا ئائىت ئۇچۇر توپلاش كۈچەيتىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.09.13

رۇسىيەنىڭ «سودىگەر» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى رايونلۇق كېڭىشى يىغىن چاقىرىپ، مەزكۇر كېڭەش قارمىقىدا ئۆزىنى قوشۇپ ئۆلتۈرگۈچى-تېررورچىلارغا ئائىت ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇشنى قارار قىلغان.

يىغىندىن كېيىن، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرى سېرگېي سمىرنوف مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، «رۇسىيە مۇنداق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىر بىز بۇنى قارار قىلدۇق» دېگەن. ئۇ سۆزىدە ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى رايونلۇق كېڭىشى رامكىسى ئاستىدا تېررورغا قارشى ئۇچۇرلارنىڭ توپلىنىۋاتقانلىقى، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىدا ئىككى يېرىم مىڭ كىشى ۋە 69 تەشكىلاتنىڭ ئۇچۇرى بارلىقى، بەلكى بۇ مەنبەنى ئۆزىنى قوشۇپ ئۆلتۈرگۈچى-تېررورچىلىق رولى گۇمان قىلىنىۋاتقان شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تولۇقلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېرگېي سمىرنوف يەنە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالاھىدە خىزمەت دائىرىلىرى، بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى يېنىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا تاجىك، خىتاي ۋە رۇسىيە ئىزلىرى بارلىقىنى بېكىتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى 30-ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەن بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى يېنىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ كىملىكىنى بېكىتكەنلىكىنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.