شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى جۈمە كۈنى تاشكەنت شەھىرىدە باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.11.29

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى جۈمە كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

بۈگۈنكى يىغىندا ئەزا دۆلەتلەر قاتناش يولى كېلىشىمى ئىمزالىنىشى مۇمكىن. مەزكۇر كېلىشىمدە، 2017-يىلى ئەزا دۆلەتلەر قۇرۇقلۇق قاتناش يولىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يىغىندا يەنە، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ قاتناش ترانسپورت، ئېنېرگىيە، ئالاقە قاتارلىق ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ قاتناشتى. ئۇ پەيشەنبە كۈنى تاشكەنتكە يېتىپ كەلگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان 400 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالاپ، خىتاي ئۆزبېكىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەن.

ئۆزبېكىستان خىتاي تەمىنلىگەن قەرز پۇلغا شەرقى ئۆزبېكىستاننى ئۆزبېكىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغا تۇتاشتۇرىدىغان 2 تۆمۈريول تونىلى ياسايدۇ. ئۆزبېكىستان بۇ ئارقىلىق پەرغانە ۋادىسىغا تاجىكىستاننىڭ سوغدا ۋىلايىتى ئارقىلىق ئايلىنىپ بارىدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىشنى ئويلايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.