شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كورلادا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
2016.11.29
خىتاي ئارمىيەسى تورىنىڭ ئىنگلىزچە خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، 28-نويابىر كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن خىتاي ۋە قىرغىزىستان ئارمىيىسى كورلادا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىغان.
خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان مانېۋىردا خىتاي ئەسكەرلىرى، قىرغىزىستان ئەسكەرلىرى قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئەسكەرلىرىنىڭ تاغلىق رايونلاردا ۋە ناچار ھاۋا رايى كىلىماتىدا ھەمكارلىشىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق رايوندا تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مۇستەقىل ئۇچۇر تورى ۋېكى پىدىئادىن مەلۇم بولۇشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دەسلەپكى ھۇلى 1996-يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان قاتارلىق 5 دۆلەت ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغان. 2001-يىلى مەزكۇر تەشكىلاتقا ئۆزبېكىستانمۇ رەسمىي ئەزا بولۇپ قوشۇلغان. تەشكىلات نىزامنامىسىدە مەزكۇر 6 دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي بىرلىكنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغانلىقى، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىر -بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى، سىياسىي ئىقتىسادىي ھەربىي جەھەتلەردە ئۆز -ئارا يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقى جاكارلانغان. 2015-يىلى 10-ئىيۇل كۈنى ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا قىلىپ قوبۇل قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان.