«شېيىن» شىركىتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.12.13

 رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسى خىتاينىڭ مودا كىيىم-كېچەك پارچە سېتىش شىركىتى بولغان «شېيىن» (Shein) گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى ئاممىغا سېتىش (IPO) نى تەستىقلاشنىڭ سوزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسىنىڭ «شېيىن» نىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرى تۈپەيلى «شېيىن» غا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي خەتەرنى باھالاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە يەنە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇستەقىل نازارەت قىلىش ئورگىنى بولغان قۇللۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىمۇ مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئەمگەككە دائىر پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەت ئىچىدە شېيىننىڭ پاي چېكىنى ئاممىغا سېتىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

 تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە «شېيىن» شىركىتى نامىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ سېتىلىۋاتقان مودا كىيىم-كېچەكلەرنىڭ خەلقئارادا «شىنجاڭ پاختىسى» دەپ تونۇلىدىغان پاختىدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، بۇ پاختىلارنىڭ بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا تېرىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلانغان ئىدى.

ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا «تېمۇ» شىركىتى نامىدا ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا خىلاپ ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە، «تېمۇ» ئەپىنىڭ قوللانغۇچىلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ تەكشۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، «شېيىن» گۇرۇھىنىڭ 2024-يىللىق تىجارەت سوممىسى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.