شى جىنپىڭنىڭ مېڭە ئۆسمىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن يەر ئالماقتا

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىقى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەڭ يەر ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئالىقاچان خىتايدا قەتئىي مەنئىي قىلىنغان تېمىلاردىن بولۇپ قالغان.

ئەنگلىيەدىكى «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 15-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن شى جىنپىڭنىڭ مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن مەلۇم بولماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ بۇنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش نىيىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكى، پەقەت ئەنئەنىۋى خىتاي تىبابىتى بويىچە دورا يەۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن. يەنە بەزى تولۇقسىز مەلۇماتلار بولسا شى جىنپىڭنىڭ 2021-يىلىنىڭ ئاخىرى مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىكى سەۋەبىدىن بىر قېتىم دوختۇرخانىغا بارغانلىقىنى ئالغا سۈرىدىكەن.

«سودا دۇنياسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ كېسەللىكى ھەققىدىكى ھەرقانداق يازما خىتايدىكى ھەرقانداق تور بەتلەردىن تېزدىن ئۆچۈرۈلمەكتە ئىكەن. بەزىلەر مۇشۇ ھالغا قاراپ بۇنىڭ راست بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسى ئادەتتە تومۇر يېرىلمىغۇچە بايقالمايدىغان بولۇپ، دورا بىلەن داۋالاشتىن تارتىپ ئوپېراتسىيە قىلغۇچە بولغان ئوخشىمىغان ئۇسۇللار قوللىنىلىدىكەن.