شى جىنپىڭ خىتاي ئىقتىسادى «داۋالغۇش دەۋرى» گە كىردى، دېگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا چاقىرغان بىر يىغىنىدا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ «داۋالغۇش دەۋرى» گە كىرگەنلىكىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ خەلقئارا مۇھىتتا يېڭى زىددىيەت ۋە يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇ يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى 24-ئاۋغۇست كۈنى جۇڭنەنخەيدە خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بىلەن «14-بەش يىللىق پىلان» نى مۇزاكىرە قىلغاندا قىلغان. ئۇ يىغىن جەريانىدا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ «داۋالغۇش باسقۇچى» غا قەدەم قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «خىتاي چوقۇم داۋالغۇش دەۋرىگە تەييارلىق قىلىشى كېرەك، چۈنكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى سودىدىكى قورۇقچىلىقنى تېزلىتىۋەتتى، دۇنيا ئىقتىسادىنى بۇزۇپ، تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى قالايمىقانلاشتۇردى. بىز كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، تاشقى مۇھىتتا بارغانسېرى كۆپ قارشى شاماللارغا دۇچ كېلىمىز، بىز چوقۇم بىر قاتار يېڭى خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

يېقىندا «CNBC» ناملىق خەۋەر تورى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھازىر خىتايدىكى نوپۇسنىڭ قېرىشى، چوڭ خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىختىلاپى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار سەۋەبىدىن زور رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ بۇ يىغىندا ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولمىسىمۇ بىراق «بىز چوقۇم بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان بارلىق دۆلەتلەر، رايونلار ۋە كارخانىلار، جۈملىدىن ئامېرىكادىكى ھەرقايسى شىتاتلار، يەرلىكلەر ۋە كارخانىلار بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىگە چېكىنىش يولى ئەپ قويغان.

ئامېرىكادىكى ئاخباراتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن بولغان زىددىيەتلەر تۈپەيلى كەپ چىققان ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىگە قارشى ئىجتىمائىي نارازىلىقلارنى كۈچەيتكەن بولۇپ، شى جىنپىڭ ھازىر ھەم ئىچكى ھەم تاشقى جەھەتتە كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلمەكتىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇ زۇلۇمغا ئورتاق بولۇۋاتقان نۇرغۇن مۇھىم خىتاي شىركەتلىرى ۋە دۆلەت مۇئەسسەلىرىگە جازا تەدبىرى قويغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت