شى جىنپىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى «تۈرلۈك خېيىم-خەتەرگە قارشى كۈرەش روھىنى يېتىلدۈرۈش» كە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.09.04

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسىنى «تۈرلۈك تەھدىتلەر ۋە خېيىم-خەتەرلەرگە تولغان ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش» كە چاقىرىش بىلەن بىرگە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىدىن «كۈرەش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، بىخەتەرلىك كىرىزىسى ۋە مالىيە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان.

«بلۇمبېرگ پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 3-ئاۋغۇست كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان خەۋەردىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭ بېيجىڭدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا «بىز دۇچ كېلىدىغان بۇ كۈرەش ئۇزۇن مەزگىللىك كۈرەشتۇر» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ سۆزىدە پات يېقىندا كۆرۈلىدىغان بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ 2049-يىلىغا بارغىچىمۇ داۋام قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ 4-ئاۋغۇستتىكى سانىدا شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئالاھىدە يەر ئالغان ھەمدە «بىر قىسىم بېلى بوش ياش كادىرلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە قارشى كۈرەش قىلىش روھى كەمچىل بولماقتا. بۇ ھال داۋام قىلىۋەرسە پارتىيەمىز ئۈچۈن زور ئاپەتكە ئايلىنىدۇ» دېگەن قۇرلار قوشۇمچە قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك «سىياسىي مۇقىملىق مەسىلىلىرى»، جۈملىدىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ توختاپ قېلىشى، دۆلەت مۇداپىيەسى مەسىلىسى، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىقلار نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قاتتىق بېشىنى ئاغرىتماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى رەسمىي مەتبۇئاتلاردا شى جىنپىڭ «خەلق داھىيسى» دېگەن ئاتاق بىلەن تەسۋىرلەنمەكتە ئىكەن. بۇ ئاتاق بولسا ئەينى ۋاقىتتا خىتاي رەئىسى ماۋ زېدوڭغىلا خاس ھۆرمەت نامى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.