خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭدا چاقىرىلغان «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە سۆز قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دائىرىلەر شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە بەس-بەستە ئىپادە بىلدۈرمەكتە.
1-ئۆكتەبىر كۈنى خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» دە شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنى تەتقىق قىلىش ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەركەزلەشكەن ۋە بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ھەققىدە بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىندى.
ئوبزوردا شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا سۆزلىگەن نۇتقىدا «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىدىن پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىگە ماسلىشىشنى، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بىلەن ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش» نى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئوبزوردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. . . پارتىيەنىڭ شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىز چوقۇم كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك»
ئوبزوردا ئۇيغۇر ئېلىدە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بارلىق ئۆلكىلەر بىردەك ھەمكارلىشىشقا، بارلىق ساھەلەر يوليورۇققا قەتئىي ماسلىشىشقا چاقىرىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر سىستېمىسى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقان بىڭتۇەن دائىرىلىرىمۇ 30-سېنتەبىر كۈنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىڭتۇەندە تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەنگە بېرىۋاتقان يۈكسەك ئەھمىيىتىنى ۋە بۇرچىنى تولۇق تونۇپ يېتىشنى ۋە پارتىيەنىڭ يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى خەلقئارادا زور تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان ۋە زۇلۇمغا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە مۇئەسسسەلىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن جازالىنىۋاتقان بىر پەيتتە شى جىنپىڭنىڭ بۇنداق بىر چاقىرىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى جاھىللىق بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى، دەپ باھالانماقتا.