پىيوڭياڭدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى يەرلىك خېرىدارلارنى رەت قىلىشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.04.22

كورېيە يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختى پىيوڭياڭدىكى بىر قىسىم ماي قاچىلاش پونكىتلىرى مۇلازىمەت ۋاقتىنى قىسقارتىشقا ياكى يەرلىك خېرىدارلارنى رەت قىلىشقا باشلىغان.

فوكۇس خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا بەلكىم خىتاي شىمالىي كورېيەگە ئېكسپورت قىلىدىغان بېنزىن مىقدارىنى ئازايتقانلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىققان.

خەۋەرگە قارىغاندا، پىيوڭياڭدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى جۈمە كۈنىدىن باشلاپ مەزكۇر شەھەردىكى دىپلوماتلار ۋە باشقا خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىغىلا مۇلازىمەت قالغاندىن باشقا، يەرلىك ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشىنى توختاتقان.

خىتاي شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە بېنزىن تەمىنلىگۈچىسى. بەزى خەۋەرلەردە شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازا تۈپەيلى خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان نېفىت مىقدارىنى ئازايتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، خىتاي باياناتچىسى جۈمە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا ئوچۇق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. خىتاينىڭ سودا مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە لام-جىم دېمىگەن.

نۆۋەتتە شىمالىي كورېيەدە كۆرۈلۈۋاتقان بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئېلىنغان سودا چەكلىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە نامەلۇم.

ئەمما، چارشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيەگە قارىتا يېڭى بىر قاتار ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا شىمالىي كورېيەدىكى بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.