شىمالى كورىيە بىر نەپەر ئامېرىكا پۇقراسىنى تۇقۇن قىلدى
2017.04.23
شىمالىي كورىيە كرىزىسى جىددىيلىك ھالىتىدە تۇرىۋاتقان بىر پەيتتە شىمالى كورىيە دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى بىر نەپەر ئامېرىكا پۇقراسىنى تۇتقۇن قىلغان.
«كىم» فامىلىلىق مەزكۇر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى جەنۇبىي كورىيەلىك بولۇپ، ئۇ يەكشەنبە كۈنى پىيوڭياڭدىكى خەلقئارا ئايرودرومدا چېگرىدىن ئۆتۈش ئالدىدا شىمالى كورىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. 50-ياشلاردىكى مەزكۇر ئامېرىكا پۇقراسى خىتايدىكى يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، ئۇ شىمالى كورىيەگە ياردەم بېرىش پروگراممىسى بويىچە بىر ئايلىققا بارغان ئىكەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خەۋەر جەنۇبىي كورىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما جەنۇبى كورىيە ھۆكۈمەت ۋە شىمالى كورىيە تەرەپ تېخى ئېنىق بىلدۈرۈش ئېلان قىلمىغان.
ئەمما ھازىرغىچە ئۈچ نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى شىمالى كورىيە تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى يانۋاردا، ئامېرىكىلىق 21 ياشلىق ئىستۇدېنت ئوتتو ۋارمبىئېر شىمالى كورىيەگە زىيارەتكە بارغاندا، قولغا ئېلىنىپ، 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەسلى كېلىپ چىقىشى جەنۇبىي كورىيەلىك ئامېرىكا پۇقراسى كىم دوڭچۇ 2016-يىلى شىمالى كورىيەدە جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
مەلۇمكى، شىمالى كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى توختىتىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان ئامېرىكا تەرەپ 8-ئارىل كۈنى «كارىل ۋىنسون»ناملىق ئاۋىئاتماتكىسىغا كورىيە يېرىم ئارىلى تەرەپكە يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقى بەرگەندىن كېيىن، پىيونياڭ چوڭ كۆلەمدە ھەربىي پارات ئۆتكۈزگەن ۋە ئارقىدىن 16-ئاپرېل كۈنى يەنە بىر قېتىم راكېتا سىنىقى ئېلىپ بېرىپ مەغلۇپ بولغان شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق راكېتا سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.