شىمالىي كورېيە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدا مەغلۇپ بولغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.04.29


ب د ت دا شىمالىي كورېيە مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، شىمالىي كورېيە يەنە بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما مەغلۇپ بولغان.

ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىشىچە، سىناق شۇ جاي ۋاقتى شەنبە كۈنى ئەتىگەندە پىيوڭياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر ھەربىي بازىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما بومبا قويۇپ بېرىلىپ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن پارتلاپ كەتكەن.

جۈمە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە جىددىي يىغىن چاقىرغان. يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسىدە دۇنيانى ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇ، سېئۇل ۋە توكيونىڭ يادرو ھۇجۇمىغا ئۇچراش خەۋپىنىڭ بىر رېئاللىق ئىكەنلىكىنى، شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئېرىشىشىنىڭ پەقەت بىر ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «دۇنيادىكى ئەڭ جىددىي خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتمىسەك، بۇ ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.»

ئۇ يەنە، ئەگەر شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قوراللىقىنى ياشاشنى توختاتمىسا، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچ قوللىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ئېيتقان.

ھالبۇكى، شىمالىي كورېيە تىللېرسوننىڭ يۇقىرى ئاگاھلاندۇرۇشىدىن بىر نەچچە سائەتتىن كېيىنلا يەنە بومبا سېنى ئېلىپ بارغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇ ھەقتە تۋىتتېرغا يوللىغان قىسقا ئۇچۇرىدا شىمالىي كورېيەنىڭ مەزكۇر بومبا سىنىقىنىڭ خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ كۈتكەنلىرىگە قىلغان بىر ھۆرمەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پەيشەنبە پرېزىدېنت ترامپ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قوللار پروگراممىسى مەسىلىسى تۈپەيلى شىمالىي كورېيە بىلەن زور كۆلەملىك توقۇنۇشقا كىرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.