خىتاينىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دىكى مەقسەدلىرى ئاشكارا تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.10.06

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئومۇمىي سىياسىي ۋەزىيەتنى بېكىتكۈچى باش «رېژىسسور» نىڭ كىملىكى ئايدىڭلىشىۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ۋەزىيەتنى روياپقا چىقىرىشىدىكى بارلىق يېتەكچى ئىدىيەلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۈچ قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» جەريانىدا تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنىپ بېكىتىلگەنلىكىمۇ مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورى 6-ئۆكتەبىرگە قەدەر «‹ئۈچىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى› ھەققىدىكى بايانلار» ماۋزۇسىدا بىر يۈرۈش چاتما خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى سۈپىتىدە «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. ئۈچىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ‹پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش› نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن» دېيىلگەن. خەۋەردە بۇ خىلدىكى «پارتىيە ھەممىگە مۇتلەق ئىگىدارچىلىق قىلىش» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكنىڭ باش قىبلىنامىسى ئىكەنلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيىۋى كادىرلار قوشۇنى ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ «مۇستەھكەم قەلئەلىرى» نى بەرپا قىلىش ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە ئالاھىدە يەر ئالغان بىر نۇقتا نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ئېتىقاد سىستېمىسى توغرىلىق توختىلىپ: «كومپارتىيەنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سياسىي روھىنى باش ئېتىقاد قىلغاندا، بارچە ئىشتا ئۇتۇق قازىنالايمىز» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان. شۇنىڭدەك كومپارتىيە بايرىقىنى «ھەر بىر كومۇنىست بىر بايراق، ھەر بىر كەنت بىر مۇستەھكەم بازا» بولغان «ئىستىھكام» لاردا لەپىلدىتىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قېتىملىق «ئېتىقاد يەڭگۈشلەش ئۇرۇنۇشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «خىتاي كومپارتىيەسى مۇشۇ ئارقىلىق كومۇنىزىم ئېتىقادىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى يېتەكچى ئېتىقاد ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ماھىيەتتە بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ مۇشۇ يوليورۇق ئاساسىدا تېخىمۇ چوڭ زۇلمەتكە قاراپ ماڭىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.