شىنزو ئابې رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ ھەربىي كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىلىشىگە چىداپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2014.01.25
جۈمە كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ياپونىيىنىڭ رايوندىكى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ھەربىي كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىلىشىگە ھەرگىز چىداپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، بۇ سۆزلەرنى ياپونىيىنىڭ دۆلەت سىياسىتى ھەققىدە قىلغان نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: غەربىي جەنۇبتىكى رايونلار، ياپونىيىنى ئوراپ تۇرغان كەڭ دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ياپونىيە ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
شىنزو ئابېنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاي دائىرىلىرى شەرقي دېڭىزدا ئۆز ئالدىغا ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونى بەرپا قىلغان ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى «ئۆزىنىڭ» دەپ ئېلان قىلىپ، باشقا دۆلەت بېلىقچىلىرىنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى.
خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرى دېڭىزلاردا ئۆز ئالدىغان تۇرغۇزغان بەلگىلىمىلەر ياپونىيە، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە، ۋيېتنام ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بۇلارنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.