شىۋېت رازۋېدچىكلار غايىب گۈي مىنخۇا ئۈچۈن تايلاندقا يېتىپ بارغان

شىۋېتسىيەلىك رازۋېدچىكلار گۇرۇپپىسى خىتاي مىللىتىدىن بولغان ۋەتەندىشى گۈي مىنخۇانىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا تايلاندقا يېتىپ بارغان. گۈي مىنخۇا ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى غايىب بولۇپ كەتكەن 5 كىتاب سودىگىرىدىن بىرى.

ئۇ تايلاندنىڭ پاتايا دېگەن جايىدىكى ياتاق بىناسىدىن سىرتقا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان، كېيىنچە خىتاي ئاخباراتى گۈي مىنخۇانىڭ بۇرۇن ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ «ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلىق جىنايىتى» ئۈچۈن خىتايغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

بۇ دېلو سەۋەبلىك شىۋېت رازۋېدچىكلارنىڭ نۆۋەتتە تايلاندتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان تايلاند ساقچى دائىرىلىرى شىۋېت رازۋېدچىكلارنىڭ تايلاندتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى، پەقەت تايلاند ساقچىلىرىغا بۇ جەھەتتە ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋېت رازۋېدچىكلار چارشەنبە كۈنى گۈي مىنخۇانىڭ تايلاندتىكى ياتاق بىناسى ۋە ياتىقىنى رەسىمگە ئالغان، ياتاق قوشنىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىگەن.

ب ب س بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، تايلاندنىڭ ئىلگىرى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ئارقىدىن باڭكوكتا خىتاي ساياھەتچىلەرنى ئاساسىي نىشان قىلغان ۋە 20 نەچچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇ ھۇجۇمنىڭ دەل شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى بىلەن ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن.