شۆھرەت مۇتەللىپ 2013‏-يىلى دۇنيادىكى 10 چوڭ ئالىمنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى

ئامېرىكا «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ 19‏‏-دېكابىر ئېلان قىلىنغان سانىدا ئامېرىكا ئورىگون شتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار (مايمۇن تۈرىدىكىلەر) تەتقىقات مەركىزى غول ھۈجەيرە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى ۋە تەتقىقاتچىسى ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنى 2013‏-يىلى دۇنيادىكى زور ئىلىم-پەن يېڭىلىقى ياراتقان 10 چوڭ ئالىمنىڭ بىرى، دەپ باھالىدى.

بۇنىڭدىن ئاۋۋال ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى «مېدىتسىنادىكى 2013‏-يىللىق 10 زور بۆسۈشنىڭ بىرى» دەپ ئېلان قىلغان.

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئىنسان تېرە ھۈجەيرىسىنى «تەن ھۈجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش» تېخنىكىسى بىلەن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بايقاش ئىنسانلاردىكى پاركىنسون كېسەللىكى، يۈرەك كېسىلى، ژۇلۇن زەخمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈمىد تۇغۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

شۆھرەت مۇتەللىپ، 2007‏-يىلى كلونلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق مايمۇن غول ھۈجەيرىسىنى ھاسىل قىلغان.

ئۇ، بۇ يىل 5‏-ئايدا ئىنسان غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئىنسان تىرە ھۈجەيرىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىنسان غول ھۈجەيرىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.