خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە چاقىرىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، جۈملىدىن ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، پارتىيە سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل قاتارلىقلار تولۇق قاتناشقان.
يىغىندا ئاپتونوم رايون رەئىسى ئەركىن تۇنىياز «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» نى ئوقۇپ ئۆتكەن. دوكلاتتا ئۇ ئالدىنقى بىر يىلدا «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېتەكچىلىكىدە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەنىڭ تولۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنغانلىقىنى، ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا مۇستەھكەم ئۇل سېلىنغانلىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئالتە پىرسەنتتىن ئاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ «يىللىق ئومۇمىي ۋەزىپە بىرقەدەر تولۇق ئورۇنلاندى» دېگەن.
دەرۋەقە بۇ ساھە بىلەن تونۇشلۇق بولغان مۇتەخەسسىسلەر، جۈملىدىن لاگېرشۇناس ئالىم ئادرىيان زېنز ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ما شڭرۈينىڭ يۆتكىلىپ كېلىشى چېن چۈەنگو ئاساس سالغان سىياسىي باستۇرۇشنى ئۇل قىلغان ھالدا شىنجاڭنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا خىزمەت قىلدۇرۇشنى كۆزلەيدۇ» دېگەن ئىدى. دەرۋەقە ئەركىن تۇنىياز بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا «بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى باش سىياسىي كۆرسەتكۈچ ئاساسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى مەھكەم ئەستە تۇتۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھاسىل قىلىش تونۇشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم بەرپا قىلىش، بىڭتۈەن ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش» بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا مۇشۇ ئارقىلىق «شىنجاڭنىڭ بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا كېپىللىك قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، ‹ئون چوڭ كەسىپ توپى› قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈش ھەمدە 15-‹بەش يىللىق پىلان› غا پۇختا ئاساس يارىتىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «خىزمەت نىشانلىرى» ھەققىدىكى بايانلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا بولۇپ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك ئەندىشىلەر داۋاملىق مەلۇم بولماقتا.