ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوت خىتاي سىياسىي مەھبۇسىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.12.23

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوت جۈمە كۈنى 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي سىياسىي مەھبۇسى جاڭ خەيتاۋنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئوتتۇرا سوتنىڭ قارارىنى كۈچكە ئىگە، دەپ ئېلان قىلغان.

جاڭ خەيتاۋ 2015‏-يىلى 6‏-ئايدا «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 2016‏-يىلى 1‏-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «چەتئەلگە ئاخبارات يەتكۈزۈش» بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما ئۇ، ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوتقا ئەرز قىلغان ئىدى. سوت ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ خەيتاۋ شايار تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېتىلگەن.

ئۇنىڭ دېلوسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا، جاڭ خەيتاۋنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

جاڭ خەيتاۋ ئىلگىرى بوشۈن قاتارلىق چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچى تور بەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ۋە باشقا مەسىلىلەردىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.