خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 30-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مەملىكەت بويىچە سىياسىي قانۇن سېپىنى تەرتىپكە سېلىش 16-مۇپەتتىش گۇرۇپپىسى» ئۇيغۇر دىيارىدا مەخسۇس پىكىر ئېلىش يىغىنى ئاچقان. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېن چۈەنگو، ۋاڭ جۈنجېڭ، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىق ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلار تولۇق قاتناشقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەركەزدىن كەلگەن مۇپەتتىش گۇرۇپپىسى «شىنجاڭدىكى سىياسىي قانۇن سېپىنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلانغان. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنغان» دەپ خۇلاسە چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈچۈن «مۇھىم يىپ ئۇچى ۋە مۇھىم دېلولارنى بىر ياقلىق قىلىشنى كۈچەيتىش، جاھىل ۋە توسقۇنلۇق پەيدا قىلغۇچى بارلىق ئامىللارنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاش، سىياسىي قانۇن سېپىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش» دېگەندەك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈەنگو بولسا «پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ۋە تولۇق ئىجرا قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق يارىتىشقا زېھىن قويىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنى ئاكتىپ ئىجرا قىلغۇچى كۈچلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ مىڭشەن ئەينى ۋاقىتتا چېن چۈەنگو قاتارلىق بىرقىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىمبارگو جازاسىغا ئۇچرىغانىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى قاراردا «بۇ كىشىلەر لاگېر سىستېمىسى بەرپا قىلىش ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىمبارگوغا ئۇچرىدى» دېگەنىدى.