تيەنئەنمېندىكى ماۋ زېدۇڭنىڭ رەسىمىگە قارا سىياھ چېچىپ تۇتۇلۇپ قالغان 42 ياشلىق سۇن بىڭ بۈگۈن 14 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
سۈن بىڭ 2014-يىلى 3-ئايدا قولغا ئېلىنغان. سوت دائىرىلىرى ئۇنىڭ جىنايىتىنى «قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» دەپ بېكىتكەن. خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى بۈگۈن بۇ ھەقتە خەۋىرىدە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ھەرىكەتنى قىلغانلىقى ئۈستىدە توختالمىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن دۇڭچېڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ئۇلاردىن جاۋاب ئالالمىغان.
ماۋ زىدۇڭ قوزغىغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ مىليونلارچە كىشىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان ئۇنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلمىغان. تېخى يېقىندا خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى بىر شەخسى ئولتۇرۇشتا ماۋ زىدۇڭنى چۈشۈرۈپ ناخشا ئېيتقانلىقى ئۈچۈن پروگراممىسى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغان ۋە ئۇ ئاممىدىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.