17 - ئاۋغۇست كۈنى سۈرىيەنىڭ ئالېپپو شەھىرىدىكى شىددەتلىك بومباردىماندا يارىلانغان 5 ياشلىق ئۆسمۈر ئومران قان ئارىلاش توپا - توزان ئىچىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى. ئۇنىڭ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدىكى بىچارە ھالىتى دۇنياۋى تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلىپ، مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ يۈرەك - باغرىنى ئەزدى شۇنداقلا سۈرىيەدىكى ئۇرۇش كرىزىسىنىڭ بىر قانلىق سىمۋولىغا ئايلاندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئانتونىي لەك، سۈرىيەدە 5 ياشلىق ئومرانغا ئوخشاش 100 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك بالىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئېچىنىشلىق ئازابىنى تارتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پۈتۈن دۇنيا 5 ياشلىق ئومران ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ پاجىئەسىدىن ئەپسۇسلۇققا چۆمگەن مىنۇتلاردا، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر قىسمەتلەرمۇ بۇنىڭغا روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلماقتا.
رادىيومىز 2013 - يىلى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، يەنى روزى ھېيتنىڭ ھارپا كۈنىدە ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسىدا خەتنە قۇرئان قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاھالىلىرى بىلەن بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشنى دۇنياغا ئاشكارا قىلغان ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەزكۇر ۋەقەدە ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن بىر نەپىرى ئۆلۈپ، 4 نەپىرى يارىلانغان. ئوق تېگىپ يارىلانغانلار ئىچىدە ئەمدىلا 4 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر قىز سۈبھىنۇر مەمەتمۇ بار ئىدى.
رادىيومىز يەنە 2014 - يىلى 21 - دېكابىردا تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىغا قامالغان يۈزلەرچە ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئىچىدىن ئەمدىلا 4 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر بالا ئابدۇللا ئابدۇۋەلىنىڭ پاجىئەسىنى ئاڭلاتقان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇزاق مەزگىللىك تۇتقۇنلۇق ھاياتىدا مېڭە تۇبېركۇليوز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان 4 ياشلىق ئابدۇللا تايلاندتىكى بىر دوختۇرخانىدا ئاتا - ئانىسىز ۋە ئىگە - چاقىسىز ھالدا بۇ رەھىمسىز دۇنيا بىلەن خوشلاشقان ئىدى.