سۈرىيەدە پارلاش يۈز بەردى
2016.01.31
سۈرىيە پايتەختى دەمەشق شەھىرى يېنىدىكى شىئەلەرنىڭ مۇقەددەس جايى دەپ قارىلىدىغان سەيىدە زەينەپ مەقبەرىسى ئالدىدا يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلاشتا 47 ئادەم ئۆلۈپ، ئون نەچچە ئادەم يارىلانغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر پارتلاش ھەققىدە سۈرىيە ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيىسى ئۇچۇر تارتقان. ئەمما، ھازىرغىچە ھېچكىم بۇ ھۇجۇمنى زىممىسىگە ئالمىغان.
بۇ قېتىمقى پارتلاش يۈز بەرگەن پەيتتە سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر جەنۋەدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تۇتۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆكتىچىلەر ۋەكىللىرى شەنبە كۈنى جەنۋەگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.ئۆكتىچىلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىلى بىلەن ئۇچراشقان.
بىر نەپەر ئۆكتىچى ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنى باشلاشتى ئىلگىرى سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ۋە قامال قىلىشىنى توختىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.