سۈرىيەدە تۈنۈگۈن خىمىيىۋى قوراللار ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىگە تاپشۇرۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كەري بۈگۈن بەشەر ئەساد ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇدى.
بەشەر ئەسەدنىڭ بۇ قېتىمقى بويسۇنۇشىنى ئىجابىي نۇقتىدىن باشلانغۇچ قەدەم دەپ تەرىپلىگەن جون كەري، ئەمدىلىكتە بەشەر ھۆكۈمىتىنى نويابىردا ئىسيانچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كۆندۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
جون كەري بۇ ھەقتە رۇسىيە تاشقا ئىشلار مىنىستىرى بىلەن پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، جون كەري بۇ ھەقتە پات يېقىندا ب د ت ۋە ئەرەب بىرلىكىنىڭ سۈرىيە ئۈچۈن تەيىنلىگەن ئەلچىسى لاخدار براھىمى بىلەن كۆرۈشمەكچى.
لاخدار بىراھىمى ھازىرغا قەدەر ئىككى تەرەپنى تىنچلىق ئۈستىلىگە ئەكېلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم تىرىشقان بولسىمۇ نەتىجە ھاسىل بولمىغان. سۈرىيەدىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۆكتىچىلىرى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تېمىسىدا بەشار ئەساد بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇشقا مايىللىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، سۈرىيەدىكى ئىسيانچىلار، بەشەر ئەساد تەختتىن چۈشمەي تۇرۇپ قارشى ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن ھېچقانداق تېمىدا سۆھبەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى.