«ئەل-قائىدە» تەشكىلاتى تالىبانلارنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلغان

ھىندىستاننىڭ «باسما» (The Print) تورىنىڭ 1-سىنتەبىر بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئەل-قائىدە» تەشكىلاتى تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلغان. ئەل-قائىدە تەشكىلاتنىڭ بۇ باياناتىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرلەپ سانىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنمىغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «‹ئەل قائىدە› تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا كەشمىر، پەلەستىن ۋە ئافرىقادىكى مۇسۇلمانلارنى ‹ئىسلام دۈشمەنلىرى› نىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان. ئەمما شەرقىي تۈركىستان ياكى خىتايدىكى شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالمىغان.»

مەلۇم بولۇشىچە، تالىبان كۈچلىرى كابۇلنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، تالىبانلارنىڭ يوقرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى كابۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن 20 يىل ئاۋۋال «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تېررورلۇققا باغلاشتا، ئۇلارنىڭ تالىبان ۋە «ئەل-قائىدە» تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قارىلىغان تالىبانلار بىلەن بۈگۈنكى كۈندە «دوستلۇق ئورنىتىشى» خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.