خىتاي تالىبانلارغا 31 مىليون دوللارلىق جىددىي ياردەم بۇيۇمى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

خىتاي ئافغانىستاندىكى تالىبانلارغا 31 مىليون دوللارلىق جىددىي ياردەم بۇيۇمى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تالىبانلارنىڭ «رادىكال كۈچلەر» بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان. «ئەل-جەزىرە» قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭنىڭ 31 مىليون دوللارلىق ياردەم بۇيۇمى بۇغداي، دورا، قىشلىق لاۋازىمەتلىكلەر ۋە بىر قىسىم كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىنىلىرىنىمۇ ئۆز ئ‍ىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي ئىلگىرى تالىبانلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشى ۋە ئافغانىستانغا مەبلەغ سېلىشى تالىبانلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» نى قوللاش-قوللىماسلىقى، ئۇنىڭغا زەربە بېرىش-بەرمەسلىكىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاينىڭ تالىبانلارغا ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى 8-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئىران، پاكىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئېكران يىغىنىدا ئېلان قىلغان. ئۇ: «بەزى خەلقئارا كۈچلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، ئافغانىستاندا يېڭى ئاۋارىچىلىق ياراتماقچى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق بۇ «خەلقئارا كۈچلەر» نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

يىغىندا ۋاڭ يى تالىبانلارنى بارلىق «رادىكال كۈچلەر» بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە، ئۇلارنى باستۇرۇشقا چاقىرىپ: «بارلىق تەرەپلەر ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش ۋە چېگرانى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشى، ئافغانىستاندىن كىرمەكچى بولغان تېرورلىق گۇرۇھلىرىنى تۇتۇشى ۋە يوقىتىشى كېرەك،» دېگەن. ۋاڭ يى بۇ سۆزلەرنى تالىبانلار يېڭى ھۆكۈمەت قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىر ۋاقىتتا ئېيتقان. خىتاي يېڭى قۇرۇلغان تالىبان ھۆكۈمىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

تالىبانلار ئىلگىرى خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى، ھېچقانداق بىر تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستاندا خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇلۇشىدىكى «ئاساسلىق شېرىكى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.