تالىبانلار خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.10.16

ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ بۇ ھەپتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى ئۆتكەن شەنبە يەنى 14-ئۆكتەبىر كۈنى تالىبانلارنىڭ سودا-سانائەت مىنىستىرى ھاجى نورۇددىن ئەزىزىنىڭ 17-ۋە 18-ئۆكتەبىر كۈنلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، تالىبانلارنى ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىشى بېيجىڭنىڭ تالىبانلار بىلەن بولغان رەسمىي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي تالىبانلارنى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تېخى ئۆتكەن ئايدا كابۇلغا باش ئەلچى تەيىنلىگەنىدى.

ھالبۇكى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنىڭ 10 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ۋە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ يىلقى «ئەڭ مۇھىم دىپلوماتىك ۋەقە» دەپ تەرىپلەنگەن بۇ يىغىنغا تالىبانلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى، ئەمما ئۇنىڭغا غەربتىكى ئاساسلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قاتناشمايدىغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا. خىتاي بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ۋاقتى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى يوشۇرۇن تۇتۇپ كەلگەن. ئۇ يىغىن ۋاقتىنى يىغىندىن 6 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغان مېھمانلارنىڭ تولۇق تىزىملىكىنى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلمىغان. لېكىن CNN نىڭ ئېيتىشىچە، يىغىنغا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ قاتنىشىش ئېھتىمالى چوڭ ئىكەن.

تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى ئاخۇندزادە ئابدۇسالام جاۋاد رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ھاجى نۇرۇددىن ئەزىزىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقى ۋە «چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھاجى نۇرۇددىن ئەزىزى بېيجىڭدا يەنە ۋاخان كارىدورىدا يول ياساش مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىر خان مۇتەقى بۇ ئاينىڭ باشلىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئافغانىستاندا خىتايغا قارشى «تېررورلۇق ھەرىكەتلەر» گە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.