يېڭى تاموژنا بېجىنىڭ يولغا قويۇلۇشى تېمۇ ۋە شېئىنگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ دەپ قارالماقتا
2025.02.03
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى يولغا قويغان يېڭى تاموژنا بېجىنىڭ ئامازوننى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خىتاي شىركەتلىرى بولغان تېمۇ ۋە شېئىننىڭ ئامېرىكادا تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
CNBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى يېڭىدىن يولغا قويغان تاموژنا بېجىنىڭ ئامازونغا يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىپ، تېمۇ ۋە شېيىنغا ئوخشاش خىتاينىڭ تور ئارقىلىق پارچە سېتىش شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكادىكى سودا «يوچۇقى» نى «سۇيىئىستېمال قىلىش» ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى، يەنى ئامېرىكاغا كېلىدىغان بارلىق خىتاي ماللىرىدىن 10 پىرسەنت تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش 2-فېۋرال سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا-خىتاي تاموژنا بېجىغا مەنسۇپ مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىپ سېتىلىشىنى چەكلەيدىكەن. شۇنىڭدەك 800 دوللارغىچە بولغان پوسۇلكا (خالتا) لارنىڭ بۇرۇنقىدەك تەكشۈرۈلمەستىن ۋە باج قويۇلماستىن ئامېرىكاغا كىرىشىگە يول قۇيۇلمايدىكەن.
ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيانقى 800 دوللاردىن تۆۋەن بولغان ماللارنىڭ چەتتىن كىرگۈزۈلۈپ ئامېرىكادا سېتىلىش مىقدارىدا يۈز بەرگەن پارتلاش خاراكتېرلىك ئەھۋال ئاساسلىقى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك توردا پارچە سېتىش سۇپىسى بولغان «شېئىن»، «تېمۇ» بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن. شۇڭا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يېڭى تاموژنا بېجىنى يولغا قويۇپ 800 دوللارغىچە بولغان پوسۇلكا (خالتا) لارنىڭ بۇرۇنقىدەك تەكشۈرۈلمەستىن ۋە باج قويۇلماستىن ئامېرىكاغا كىرىشىگە يول قويۇلماسلىقى «شېئىن» ۋە «تېمۇ» غا قاتتىق زەبە بېرىپ، ئامازونغا زور رىقابەت كۈچى ئاتا قىلىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر، ھەر كۈنى 4 مىليون پوسۇلكىنىڭ تاموژنىدىن تەكشۈرۈلمەي ئۆتۈشىنى «يوچۇق» دەپ ئاتىغان. شېئىن ۋە تېمۇغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق پارچە ساتقۇچىلىرىنىڭ بۇ «يوچۇق» تىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەكلەرنى بىۋاسىتە ئامېرىكالىقلارغا سېتىشىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.