تارىم نېفىتلىكىدىن ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت يېتىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى

يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بازىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۈنىگە قانچە مىليون دوللار قىممىتىدىكى نېفت ۋە تەبىئىي گاز توشۇپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي خىتاي تەۋەسىدىكى 15 ئۆلكىدە ياشاۋاتقان 400 مىليوندىن ئارتۇق خىتاينىڭ ئىسسىنىش ۋە تۇرمۇش مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىملاپ خەۋەر بېرىلگەن ئىدى. 11-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇشتۇمتۇت يېڭى ئۇچۇر تارقىتىپ، تارىم نېفىتلىكىنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى تۆت مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى گاز بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2020-يىلى ئىچىدە تارىم نېفىتلىكىدىن تۆت مىليارد كۇپ مېتىردىن كۆپرەك تەبىئىي گاز تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرگە توشۇلغان. شۇنداقلا ئۈچ مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى گاز تۇرۇبىسى بۇنىڭغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغان.

ھالبۇكى، خەۋەردە گاز بىلەن تەمىنلىنىۋاتقان كۆپ قىسىم ئورۇنلارنىڭ ھەرقايسى بىڭتۇەنلەردىكى 42 ناھىيە ۋە شەھەرلەر ئىكەنلىكىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. بەزى ئانالىزچىلار بۇ ھالغا قاراپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹تارىم ۋادىسىدىكى ئاھالىنى گاز بىلەن تەمىن ئەتتۇق› دېگىنى يەنىلا ئاشۇ كۆچمەن خىتايلارنى خاتىرجەم قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىنكاسى. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم تاشقى دۇنيانىڭ كۆزىنى بويىماقچى،» دېدى. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللارمۇ نۆۋەتتە تارىم ۋادىسىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئىسسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىلاجىسىز قېلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.